توڭشىن مەشغۇلات سىستېمىسى مەخپىيەتلىك سىياسىتى
ئەڭ ئاخىرقى يېڭىلانغان ۋاقىت: [2021] يىل [11] ئاي [11] كۈن
توڭشىن مەشغۇلات سىستېمىسى مەخپىيەتلىك سىياسىتى (تۆۋەندە «مەزكۇر مەخپىيەتلىك سىياسىتى» دېيىلىدۇ) توڭشىن يۇمشاق دېتال تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ۋە ئۇنىڭ تارماق شىركەتلىرى (تۆۋەندە «توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى» ياكى «بىز» دېيىلىدۇ)  بىر تەرەپ قىلغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى ۋە بىزنىڭ شەخسىي سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىمىز ۋە مەقسىتىمىزنى بايان قىلىدۇ. بۇ مەخپىيەتلىك سىياسىتىنىڭ قوللىنىش دائىرىسى توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى سىزگە تەمىنلىگەن توڭشىن مەشغۇلات سىستېمىسى （توڭشىن ئۈستەل يۈزى مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە توڭشىن مۇلازىمېتىر مەشغۇلات سىستېمىسىنى <توۋەندە «توڭشىن UOS» دېيىلىدۇ>، ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ)  ۋە مۇناسىۋەتلىك قوللىنىشچان پىروگراممىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ«توڭشىن UOS مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى» دېيىلىدۇ) ، بۇ مەخپىيەتلىك سىياسىتىدە ئۇلارنى بىر-بىرلەپ تىلغان ئېلىپ چۈشەندۈرىمىز.
بۇ مەخپىيەتلىك تۈزۈمى پەقەت 14 ياشتىن يۇقىرى ئىشلەتكۈچىلەرگىلا ماس كېلىدۇ، ئەگەر سىز 14 ياشتىن تۆۋەن ئىشلەتكۈچى بولسىڭىز، سىز ۋە سىزنىڭ ۋەسىيلىرىڭىزنىڭ «توڭشىن يۇمشاق دېتالىنىڭ بالىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداش كۆرسەتمىسى»نى زىيارەت قىلىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ چىقىشىنى سورايمىز. سىز پەقەت ۋەسىيلىرىڭىزنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، UOS مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى ئىشلىتەلەيسىز ياكى ۋەسىيلىرىڭىزنىڭ نازارىتى ۋە يېتەكچىلىكىدە بىزگە شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى تەمىنلىسىڭىز بولىدۇ.
بۇ مەخپىيەتلىك سىياسىتى پەقەت توڭشىن UOS مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەۋە بولمىغان كىشىلەرگە قوللىنىلىدۇ، ئەگەر سىز ياۋروپا ئىتتىپاقى رايونىدىكى ئىشلەتكۈچى بولسىڭىز، مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلەرنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن بىزنى قوشۇمچە چۈشەندۈرۈش بىلەن تەمىنلەش مەجبۇرىيىتىڭىز بار، ھەمدە بىزنىڭ سىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى ئىشلىتىش ئىلتىماسىڭىزنى رەت قىلىش ھوقۇقىمىز بار.
بۇ كېلىشىم كۆپ خىل تىلدا يېزىلغان بولۇشى مۇمكىن، مەيلى قايسى تىل نۇسخىسىنى تاپشۇرۇۋېلىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنزۇچە نۇسخىسى ئەڭ توغرا شەرھلەنگەن نۇسخا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئەگەر بۇ مەخپىيەتلىك تۈزۈمى توغرىسىدا سوئال، ئىنكاس ياكى تەكلىپىڭىز بولسا، تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بىلەن بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ:
توڭشىن يۇمشاق دېتال تېخنىكا چەكلىك شىركىتى.                  
【ئادرېس】بېيجىڭ ئىقتىساد ۋە تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ، كېگۇ 1-كوچىسى ، 10-نومۇرلۇق قورۇ 12-بىنا 18-قەۋەت    
【ئېلخەت】privacy@uniontech.com
[تېلېفون]400- 8588- 488
توڭشىن يۇمشاق دېتالى شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ سىز ئۈچۈن مۇھىملىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، بىز شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ۋە مەخپىيەتلىكىڭىزنى قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن قوغدايمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىز تەمىنلىگەن شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئاخىرىدا كونترول قىلىشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلىمىز. سىزنىڭ بىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى ساقلاشقا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىپ، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قوغداش ئۈچۈن تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىمىز: ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت بىرلىك پىرىنسىپى، مەقسەت ئېنىق بولۇش پىرىنسىپى، تاللاش ۋە قوشۇلۇش پىرىنسىپى، ئەڭ ئاز مىقداردا ئىشلىتىشكە يەتسىلا بولدى قىلىش پىرىنسىپى، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش پىرىنسىپى، ئىگىسىنىڭ قاتنىشىش پىرىنسىپى،ئوچۇق ئاشكارا بولۇش پىرىنسىپى قاتارلىقلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى كەسىپ ساھەسىدە پىشىپ يېتىلگەن بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئاساسەن، مۇناسىپ بىخەتەرلىك قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ قوغداشقا ۋەدە بېرىدۇ.
بىز بۇ مەخپىيەتلىك سىياسىتىنى ئىخچام، ئېنىق ۋە چۈشىنىشكە ئاسان ئۇسۇلدا كۆرسىتىشكە تىرىشىمىز. ئوقۇش ۋە چۈشىنىشىڭىزگە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، بىز شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي ئاتالغۇلارغا قارىتا ئېنىقلىما بەردۇق.  بىز سىزگە بىلدۈرمەكچى بولغان ئۇچۇرلارنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن بۇ مەخپىيەتلىك سىياسىتىدىكى «قوشۇمچە 1: ئېنىقلىما» غا كىرىپ ئاتالغۇلارنىڭ كونكرېت مەزمۇنىنى چۈشىنىۋېلىڭ.
مەزكۇر مەخپىيەتلىك سىياسىتى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى چۈشىنىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ:
 1. شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قانداق توپلايمىز ۋە ئىشلىتىمىز
 2. Cookie ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تېخنىكىلارنى قانداق ئىشلىتىمىز
 3. شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى تاشقى تەرەپ بىلەن قانداق ئورتاقلىشىمىز، ئۆتۈنۈپ بېرىمىز ۋە ئاشكارىلايمىز
 4. شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قانداق قوغدايمىز
 5. شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قانداق ساقلايمىز
6. سىزنىڭ ھوقۇقلىرىڭىز
 7. بۇمەخپىيەتلىك سىياسىتى قانداق يېڭىلىنىدۇ
 8. شەخسىي ئۇچۇر قوغداش بۆلۈمىمىز / مۇتەخەسسىسلىرىمىز
9. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنىغا شىكايەت قىلىش ياكى ئەرز قىلىش ھوقۇقىڭىز
بىز تەمىنلىگەن مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ۋە شۇ ئارقىلىق مۇۋاپىق تاللاش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ۋە ھەمدە مەزكۇر مەخپىيەتلىك سىياسىتى مەزمۇنىغا ئاساسەن ماس ھالدا ئىجازەت رۇخسىتى بېرىش ئۈچۈن، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن بۇ مەخپىيەتلىك سىياسىتىنى، بولۇپمۇ توم ۋە قارا خەت نۇسخىسىدا يېزىلغان قىسىملارنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىڭ ۋە چۈشىنىۋېلىڭ.
1. شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قانداق توپلايمىز ۋە ئىشلىتىمىز
 سىز توڭشىن UOS مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكەندە، بىز قانۇنلۇق، ئادىللىق، زۆرۈرىيەت ۋە سەمىمىيەت پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىمىز، پەقەت كونكرېت، بەلگىلىك، ئېنىق ۋە قانۇنىي مەقسەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈنلا كېرەكلىك ئۇچۇرلارنى توپلايمىز ھەمدە بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز ھەمدە يۇقىرىقى مەقسەت بىلەن بىردەك بولمىغان ئىشلار ئۈچۈن بۇ ئۇچۇرلارنى ئىشلەتمەيمىز.
ئالاقىداشلار ئۇچۇرى
دوستلار تىزىملىكى، دوستلار مۇناسىۋىتى، دوستلار ھېساباتى ۋە ئىزاھاتى، دوستلارنى گۇرۇپپىلاش  ئۇچۇرى، دوستلار توپى ئۇچۇرى، يىغىنغا قاتنىشىش خاتىرىسى ۋە يىغىن باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە；
مال-مۈلۈك ئۇچۇرلىرى
UOS بانكا ھېسابات ئۇچۇرلىرى، دەلىللەش ئۇچۇرلىرى (پارول) ، توڭشىن UOS مەھسۇلات ۋە مۇلازىمىتىدىكى سودا ۋە ئىستېمال خاتىرىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛
تور كۆرۈش ئۇچۇرلىرى
سىز ئىشلەتكەن توركۆرگۈچنىڭ نەشر ئۇچۇرلىرى، خەتكۈچ ئۇچۇرلىرى، تور كۆرۈش تارىخى، توركۆرگۈچ تەڭشىكى، ئاپتوماتىك تولدۇرۇش سانلىق مەلۇماتلىرى، IP ئادرېسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئاساسلىق شەخسىي ئۇچۇر
تۇغۇلغان كۈنىڭىز، جىنسىڭىز، شەخسىي تېلېفون نومۇرىڭىز، ئېلخەت ئادرېسىڭىز قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛
تور كىملىك ئۇچۇرلىرى
MAC ئادرېسىڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛
ئۈسكۈنە ئۇچۇرى
ئۈسكۈنىڭىزنى پەرقلەندۈرۈش كودى، ئاساسىي تاختا ئۇچۇرلىرى، BIOS ئۇچۇرلىرى، مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ(CPU) ئۇچۇرلىرى، ئىچكى ساقلىغۇچ ئۇچۇرلىرى، قاتتىق دىسكا ئۇچۇرلىرى، رايون ئۇچۇرلىرى، تور كارتا ئۇچۇرلىرى، ئۆزەك بىناكارلىق تىپى، گىرافىك كارتا ئۇچۇرلىرى ۋە سىرتقى ئەسۋاب ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛
مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇچۇرى
مەشغۇلات سىستېمىسى يۇمشاق دېتال تىپى، نەشرى، قۇرۇلمىسى، ئاكتىپلاش ھالىتى، ئىجادچىلار ھالىتى، سىستېما ئورنىتىش ئۇچۇرلىرى (قاچىلاش ئۇسۇلى، قاچىلاش ۋاقتى، قاچىلاش ۋاقىت ئۇزۇنلۇقى ، قاچىلاش نەتىجىسى ۋە قاچىلاش جەريانىدا تاللىغان تىل، رايون ۋە پارول كۈچلۈكلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ، سىستېمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يېڭىلاش ۋاقتى، سىستېما تىلى، سىستېما ئاۋازى، توك مەنبەسى، مائۇس، سىستېما ئۇسلۇبى، تام قەغىزى، قوزغاتقۇچ، ۋەزىپە بالدىقى، قىزىق رايون سەپلىمىسى ئۇچۇرى ۋە ھەر بىر چۈشۈرۈشنىڭ ئىشلىتىش مەنبە ئۇچۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يۇمشاق دېتال ئۇچۇرلىرى
سىستېمىغا قاچىلىغان ھەر خىل قوللىنىشچان يۇمشاق دېتالىنىڭ ئىسمى، نەشرى، ئورنىتىش ئورنى، دىسكا بوشلۇق، پىروگراممىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى، قوللىنىشچان پىروگراممىنىڭ چېكىنىش ۋاقتى، پىروگرامما مايىللىق تەڭشىكى ئۇچۇرى( سىستېما ئۇسلۇبى، رەسىم تېمىسى، نۇربەلگە ئۇسلۇبى، خەت نۇسخىسى تەڭشەك ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، قوللىنىشچان پىروگراممىنىڭ ئىقتىدار مودۇلىنىڭ چاستوتا ئۇچۇرى ۋە پىروگراممىنىڭ مەشغۇلات جەريانىدىكى ئىقتىدار ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىشلىتىش مەشغۇلات ئۇچۇرلىرى
ھەر كۈنى سىستېمىغا كىرگەن قېتىم سانى، سىستېمىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى، سىستېمىنىڭ تاقىلىش ۋاقتى، پروگراممىنى ئىشلەتكەندە كۇنۇپكىنى بېسىش ۋاقتى، كۇنۇپكىنىڭ پەرقلەندۈرۈش بەلگىسى، فوكۇسنىڭ يۆتكەلگەن ۋاقتى ۋە مائۇسنىڭ مەشغۇلات ۋاقتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1. سىز بىزگە ئاكتىپلىق بىلەن تەمىنلىگەن شەخسىي ئۇچۇرلار
1.1. توڭشىن  UOS نى قوزغىتىش
ئۈسكۈنىڭىزنى سىز سېتىۋالغان توڭشىن UOS ھەقىقىي نەشرى بىلەن باشلاپ ئۈسكۈنىڭىزنىڭ تولۇق توڭشىن UOS مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتەلىشى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە توڭشىن UOS نىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ يامان غەرەزلىك دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن،تور پەرقلىگۈچ ئۇچۇرلىرى، ئۈسكۈنە ئۇچۇرلىرى، مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇچۇرلىرى ۋە ئەپ ئۇچۇرلىرىنى توپلايمىز. . توڭشىن UOS ئاكتىپلانغاندىن كېيىن، ئۈسكۈنە ئۇچۇرى ۋە سىستېما ئۇچۇرلىرىڭىزدا ئۆزگىرىش ياكى ئالماشتۇرۇلۇش دەرىجىسى بىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىزدە ئۆزگىرىش يۈز بەردى ياكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىمىز يامان غەرەزدە دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىشى مۇمكىن دەپ قارىشىمىزغا سەۋەب بولسا، ئۈسكۈنىڭىزنىڭ ئاكتىپلانغان توڭشىن UOS  نى داۋاملىق ئىشلىتىلىشىنى توختىتىش ھوقۇقىمىز بار.
1.2. ئىشلەتكۈچى تەسىرات پىروگراممىسى
ئەگەر «ئىشلەتكۈچى تەسىرات پىروگراممىسى» نى قوزغاتسىڭىز، بىزگە مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئىشلەتكۈچىنىڭ تەسىراتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن يەرلىك ئۈسكۈنىڭىزدە خاتىرىلەنگەن ۋە ساقلانغان مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئوقۇشقا ئىجازەت بەرگەن بولىسىز. «ئىشلەتكۈچى تەسىرات پىروگراممىسى» نى تاقىۋەتسىڭىز، بۇ خىل ئۇچۇرلارنى توپلاشنى توختىتىمىز. بۇ خىل ئۇچۇرلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1..2 1. ئىشلىتىش مەشغۇلات ئۇچۇرلىرى.
1.2.2بىنورمال ئۇچۇر، مەشغۇلات سىستېمىسى مەشغۇلات جەريانىدا بىنورمال ئەھۋال كۆرۈلگەندە ۋە ياكى ئەپ ئىجرا بولۇش جەريانىدا بىنورما ئەھۋال كۆرۈلگەندىكى ئىجرا بولۇش ئۇچۇرى.
1.3. توڭشىن ھېساباتى مۇلازىمىتى
توڭشىن UOS ئىشلەتكۈچى مەركىزى تور بېكىتى (account.uniontech.com) ئارقىلىق توڭشىن ھېساباتىغا («Union ID» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ ھەمدە ھېساباتنى ئىشلىتىپ توڭشىن UOS مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىگە تىزىملاپ كىرەلەيسىز. Union ID غا تىزىملاپ كىرگەندىن كېيىن، ئوخشىمىغان ئۈسكۈنىلەر ئارىسىدا توڭشىن  UOS نىڭ سىستېما سەپلىمىسى ۋە قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللىرىنى ماسقەدەملىيەلەيسىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز Union ID ھېساباتى مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكەندە ھېساباتىڭىزنىڭ نامىدا ساقلانغان ئۇچۇرلارنىمۇ توپلايمىز (بۇ ئۇچۇرلارنى بىز شەخسىي ئۇچۇرلار دەپ قارايمىز). Union ID ​​مۇلازىمىتىنى ئېتىۋەتكەندىن كېيىن، توڭشىن UOS سىستېما سەپلىمىسى ۋە قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللىرىڭىزنى ئۈسكۈنىلەر ئارا ماسقەدەملىگىلى بولمايدۇ. ھېساباتىڭىزنى ئىشلىتىشنىڭ كونكرېت قائىدىلىرىگە قارىتا، «توڭشىن ھېسابات ئىشلىتىش كېلىشىمى» ۋە توڭشىن يۇمشاق دېتالى بۇ مەقسەتتە تارقاتقان باشقا مەخسۇس قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىڭ.
1.3.1. Union ID ئىلتىماس قىلىش, تىزىملاپ كىرىش
<g id="643">توڭشن ھېساباتى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە</g><g id="646"> جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ (شياڭگاڭ ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) نىڭ مۇناسىۋەتلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، Union ID ئىلتىماس قىلىشنى تاماملاش ئۈچۈن<g id="649"> شەخسىي تېلېفون نومۇرىڭىزنى </g>تەمىنلىشىڭىز كېرەك. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ (شياڭگاڭ ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) نىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، ئەگەر شەخسىي تېلېفون نومۇرىڭىزنى تەمىنلەشنى رەت قىلسىڭىز، بىز سىزنى Union ID ​​مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىيەلمەيمىز. سىز ئۈچىنچى تەرەپ ھېساباتى بىلەن تىزىملىتىپ كىرىپ، Union ID نى ئىشلىتەلەيسىز، لېكىن يەنىلا شەخسىي تېلېفون نومۇرى باغلاپ Union ID ھېساباتى تىزىملىتىشنى تاماملىشىڭىز كېرەك.
1.3.2 سىستېما سەپلىمىسىنى ماسقەدەملەش مۇلازىمىتى
سىز توڭشىن UOS كونترول مەركىزىنىڭ بۇلۇت ماسقەدەملەش بۆلىكى ئارقىلىق  ID Union غا كىرىپ،ئوخشاش ID Union ئاستىدىكى ئوخشىمىغان ئۈسكۈنىلەر ئارا توڭشىن UOS سەپلىمىسىنى ماسقەدەملەش ئۈچۈن «بۇلۇت ماسقەدەملەش» نى ئېچىشقا ئىجازەت قىلسىڭىز بولىدۇ. بۇ ماسقەدەملەش مەقسىتى ئۈچۈن بۇلۇت ماسقەدەملەش مۇلازىمىتى ئۈسكۈنە ئۇچۇرلىرىڭىز ۋە مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇچۇرىنى ئوقۇيدۇ. سىزنىڭ يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشنى رەت قىلىشىڭىز توڭشىن UOS نىڭ باشقا مۇلازىمەتلىرىنىڭ نورمال تەمىنلىشىگە ۋە ئىشلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
1.3.3. قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال ماسقەدەملەش مۇلازىمىتى
سىز توڭشىن UOS كونترول مەركىزىنىڭ بۇلۇت ماسقەدەملەش بۆلىكى ئارقىلىق  ID Unionغا كىرىپ،ئوخشاش ID Union ئاستىدىكى ئوخشىمىغان ئۈسكۈنىلەر ئارا توڭشىن UOS قوللىنىشچان پىروگراممىلارنى ماسقەدەملىسىڭىز بولىدۇ بۇ ماسقەدەملەش  مەقسىتىدە، قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال ماس قەدەملىك مۇلازىمىتى سىزنىڭ قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال ئۇچۇرلىرىڭىزنى ، قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال سېتىۋېلىش ئۇچۇرلىرىڭىزنى (پۇل تۆلەشنى تاماملاش ئۈچۈن ھەقىقىي ئىسمىڭىزنى دەلىللەش ئۇچۇرى ۋە بانكا ھېساباتى ئۇچۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، بۇرۇنقى ئەپ ئىنكاس سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە بۇرۇنقى مۇكاپاتلاش ئۇچۇرلىرىنى ئوقۇيدۇ. سىزنىڭ يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشنى رەت قىلىشىڭىز توڭشىن UOS نىڭ باشقا مۇلازىمەتلىرىنىڭ نورمال تەمىنلىشىگە ۋە ئىشلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
1.3.4. ئالاقىداشلارنى ماسقەدەملەش مۇلازىمىتى
ID Union گە تىزىملاپ كىرىپ ئوخشاش بىر  ID Unionئاستىدىكى ئوخشىمىغان ئۈسكۈنىلەر ئارا ئالاقىداشلار ئۇچۇرىڭىزنى ماسقەدەملەشكە بولىدۇ. ماسقەدەملەش مەقسىتى ئۈچۈن، ئالاقىداشلارنى ماسقەدەملەش مۇلازىمىتى سىزنىڭ ئالاقىداشلار ئۇچۇرىڭىزنى ئوقۇيدۇ. سىزنىڭ يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشنى رەت قىلىشىڭىز توڭشىن UOS ۋە ئۇنىڭ باشقا مۇلازىمەتلىرىنىڭ نورمال تەمىنلىشىگە ۋە ئىشلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
1.3.5. ئەپ دۇكىنى ماسقەدەملەش مۇلازىمىتى
سىز توڭشىن  UOS نىڭ ئالدىن قاچىلانغان ئەپ دۇكىنىنى قوزغىتىپ، Union ID غا كىرگەندىن كېيىن، ئەگەر بۇ ئەپنى ئەپ دۇكىنىدىن سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، پۇل تۆلەشنى تاماملاش ئۈچۈن سىز تەمىنلىگەن بانكا ھېسابات ئۇچۇرلىرىنى توپلايمىز. ئەگەر مۇكاپاتلاش ئىقتىدارىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرۇشقا، مۇكاپاتلاش خاتىرىڭىزنى تەكشۈرۈشىڭىزگە قولايلىق يارىتىش ۋە سودىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سېتىۋېلىش خاتىرىڭىزنى ۋە ئەپ سېتىۋېلىشقا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئۇچۇرلارنى توپلايمىز. ئەگەر سىز ئەپ دۇكىنىدىكى بىر ئەپكە باھا بەرسىڭىز ۋە ياكى ئۇنىڭغا نومۇر قويغان بولسىڭىز، بىز ئېلان قىلغان باھا ۋە / ياكى نومۇرىڭىزنى توپلايمىز ھەمدە تور نامىڭىز، باش سۈرىتىڭىز، بەرگەن باھا ۋە ياكى قويغان نومۇرنى كۆرسىتىمىز. يۇقىرىقى ئۇچۇرلار سىزنىڭ Union ID بىلەن بىرلىكتە ساقلىنىدۇ. سىزنىڭ يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشنى رەت قىلىشىڭىز توڭشىن UOS ۋە ئۇنىڭ باشقا مۇلازىمەتلىرىنىڭ نورمال تەمىنلىشىگە ۋە ئىشلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
1.3.6. مۇلازىمەت ۋە قوللاش
Union ID غا تىزىملاپ كىرگەندىن كېيىن، ئەگەر سىز توڭشىن UOS  مۇلازىمەت ۋە قوللاش مۇلازىمىتى ئارقىلىق سۆز قالدۇرۇپ سۈرۈشتۈرگەن بولسىڭىز ياكى توردىكى خېرىدارلار مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئىشلەتسىڭىز، ئۈسكۈنىڭىز ئۇچۇرلىرى ۋە مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇچۇرلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن يۈكلەشنى تاللىيالايسىز. سىزنىڭ يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشنى رەت قىلىشىڭىز توڭشىن UOS نىڭ باشقا مۇلازىمەتلىرىنىڭ نورمال تەمىنلىشىگە ۋە ئىشلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
2. توڭشىن  UOS ۋە مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكەندە بىز توپلايدىغان شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىز
2.1 سىستېما ئىشلىتىش
نورمال ئىشلىتىشىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىش، سىستېما بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە يامان غەرەزلىك پروگراممىلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، توڭشىن  UOSنى ئىشلەتسىڭىز، تور پەرقلىگۈچ ئۇچۇرلىرىڭىز، ئۈسكۈنە ئۇچۇرلىرى، مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇچۇرلىرى ۋە ئەپ ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلايمىز. بۇ خىل ئۇچۇرلار سىزنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئاساسىي ئۇچۇرلار.
2.2.سىستېما يېڭىلاش
توڭشىن UOS مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى يېڭىلىسىڭىز، سىستېما ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ۋە توغرا يېڭىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۈسكۈنىڭىز ئۇچۇرلىرى ۋە سىستېما ئۇچۇرلىرىنى توپلايمىز.
2.3 ئەپ دۇكىنى مۇلازىمىتى
سىزنى ئەپ دۇكىنى مۇلازىمىتى بىلەن تېخىمۇ ياخشى تەمىنلەش ۋە چۈشۈرگەن ئەپلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئۈسكۈنىڭىز ۋە مەشغۇلات سىستېمىسى نەشرى بىلەن ماسلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، توڭشىن UOS نىڭ ئالدىن قاچىلانغان ئەپ دۇكىنىنى قوزغاتقاندا، ئۈسكۈنىڭىز ئۇچۇرلىرى، مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇچۇرى، ئەپ دۇكىنى نەشرى ئۇچۇرى، ئەپ ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلارنى توپلايمىز.
2.4. توركۆرگۈچ مۇلازىمىتى
ئەگەر سىز UOS تەرىپىدىن ئالدىن قاچىلانغان توركۆرگۈچنى ئىشلىتىپ، بىز ياكى ئۈچىنچى تەرەپ تەمىنلىگەن تور بېكەت ياكى سۇپىلارنى زىيارەت قىلسىڭىز، cookie ياكى باشقا تېخنىكىلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۈسكۈنە ئۇچۇرى، مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇچۇرى ۋە تور كۆرۈش ئۇچۇرىنى توپلايمىز. سىزنىڭ يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشنى رەت قىلىشىڭىز توڭشىن UOS نىڭ باشقا مۇلازىمەتلىرىنىڭ نورمال تەمىنلىشىگە ۋە ئىشلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
2.5 ئۈستەل يۈزى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياردەمچىسى
ئۈستەل يۈزى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياردەمچى مۇلازىمىتى توڭشىن UOS غا بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنى بىز ھوقۇقلۇق قىلغان ھەمكارلاشقۇچى سىزگە تەمىنلەيدۇ..ئۈستەل يۈزى ئەقلىي ياردەمچىسىنى ئىشلىتىپ ئاۋاز ئارقىلىق تېكىست كىرگۈزگەندە ياكى ئاۋازلىق خاتىرە دەپتەر ئىقتىدارىنى ئىشلەتكەندە، بىز بىلەن ھەمكارلاشقۇچى تەرەپ ئاۋاز مەزمۇنىنى تېخنىكىلىق ئانالىزقىلىپ ئۇنى تېكىستكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بىۋاسىتە بۇ ئاۋاز مەزمۇنىنى توپلايدۇ. بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارنى ھەمكارلاشقۇچى تەرەپگە تەمىنلەش ھەققىدىكى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشنى مەزكۇر مەخپىيەتلىك سىياسىتى [3- قىسىم] «شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى تاشقى تەرەپكە قانداق تەمىنلەيمىز، يۆتكەيمىز ۋە ئاشكارىلايمىز»  دېگەن قىسىمىدىن كۆرۈڭ.
3. ئۈچىنچى تەرەپتىن كەلگەن ئۇچۇر
قانۇن رۇخسەت قىلغان شارائىتتا،ئۈچىنچى تەرەپتىن شەخسىي ئۇچۇرىڭىزغا ئېرىشىشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن:
3.1. سىزنىڭ رۇخسىتىڭىزگە ئاساسەن، بىز ئۈچىنچى تەرەپ ئىجتىمائىي ئالاقە مۇلازىمىتىدىن ئېرىشكەن تور نامى، باش سۈرەت، رايون ۋە جىنسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى توپلىشىمىز ۋە ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن (مەسىلەن: ئۈچىنچى تەرەپ ھېساباتى بىلەن تىزىملىتىپ كىرىپ، Union ID ئىشلەتكەندە )؛
3.2. ئەگەر باشقا ئىشلەتكۈچىلەر ئورتاقلاشقان ئۇچۇرلار سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسا، بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇچۇرلارنى توپلىشىمىز ۋە ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن؛
3.3. مۇۋاپىق دائىرىدە سىز ئۆزىڭىز ئاشكارىلىغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى ياكى باشقا قانۇنلۇق ئاشكارىلانغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلىشىمىز ۋە ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن، لېكىن سىز ئېنىق رەت قىلغانلىرىڭىز بۇنىڭ سىرتىدا. ئەگەر ئاشكارىلانغان شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ ئىچىدە سىزنىڭ شەخسىي ھوقۇقىڭىزغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۇچۇرلارنى توپلىساق ۋە ئىشلەتسەك، قايتىدىن شەخسىي رۇخسىتىڭىزنى سورايمىز .
4. باشقا ئىشلىتىلىشى
بىز قانۇن-نىزام ۋە كېلىشىملەرگە ۋە سىز بىلەن كېلىشكەن كېلىشىمگە قەتئىي رىئايە قىلغان ئاساستا، توپلانغان شەخسىي ئۇچۇرنى تۆۋەندىكى باشقا مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىمىز.
4.1.ئىچكى تەكشۈرۈش، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئانالىزى ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش
 4.1.1.. بىز توپلانغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىپ، توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى ئىچكى قىسىمىدا زۆرۈر تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارىمىز.
4.1.2. توپلانغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى چوڭ سانلىق مەلۇمات ئانالىزى ئۈچۈن ئىشلىتىمىز. مەسىلەن ، بىز توپلانغان ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىپ ھېچقانداق شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ستاتىستىكىلىق مەھسۇلاتلارنى تەھلىل قىلىمىز ۋە شەكىللەندۈرىمىز، توڭشىن يۇمشاق دېتال مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىنى كۆرسىتىمىز ۋە ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلارنىڭ ھەرىكەت ئەندىزىسىنى تەھلىل قىلىمىز. ستاتىستىكىلىق بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن كىملىك ​تونۇش مەزمۇنى بولمىغان چوڭ سانلىق مەلۇمات ئانالىز ئ‍ۇچۇرلىرىنى سىرتقا ئاشكارىلىشىمىز ۋە  مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ۋە ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىشىمىز مۇمكىن.
4.2. بىخەتەرلىك كاپالىتى
 شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى شەخسىي ئۈسكۈنىلىرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى، ھېسابات بىخەتەرلىكى، بىزنىڭ مەشغۇلات بىخەتەرلىكىمىزنى قوغداش ۋە قانۇنىي مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىش (مەسىلەن قانۇنسىز ۋە جىنايى قىلمىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇرلارنى ساقلاپ قېلىش دېگەندەك) قاتارلىق مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىمىز.
5. ئەگەر شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى يۇقىرىقى ئىشلىتىش دائىرىىسىدىن ھالقىپ ئىشلەتسەك، سىزگە يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈرۈپ، قايتا رۇخسىتڭىزنى سورايمىز.
لېكىن مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزام ۋە دۆلەت ئۆلچىمىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا سىزنىڭ رۇخسىتىڭىزنى ئالماي تۇرۇپ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلىشىمىز ۋە ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن:
5.1. بىزنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەت ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشىمىز ئۈچۈن زۆرۈر بولغاندا.
5.2. دۆلەت بىخەتەرلىكى، دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ۋە باشقا دۆلەت مەنپەئەتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغاندا؛ ئاممىۋى بىخەتەرلىك، جامائەت ساغلاملىقى ۋە ئاممىنىڭ بىلىش ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسلىق جامائەت مەنپەئەتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغاندا؛
5.3. جىنايى ئىشلار بويىچە تەھقىقلەش، ئەيىبلەش، سوتلاش ۋە ھۆكۈمنىڭ ئىجرا قىلىنىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغاندا؛
5.4. سىزنىڭ ياكى باشقا كىشىلەرنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك، ئىناۋىتى ۋە باشقا ئاساسلىق قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئەمما سىزنىڭ ماقۇللىقىڭىزنى ئېلىش تەس بولغاندا؛
5.5. سىزنىڭ تەلىپىڭىزگە ئاساسەن توختام ئىمزالاش ۋە ئىجرا قىلىشقا زۆرۈر بولغاندا؛
5.6. توڭشىن UOS مەھسۇلات ياكى مۇلازىمىتىدىكى كاشىلا بايقاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق تەمىنلەنگەن مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنىڭ بىخەتەر ۋە مۇقىم مەشغۇلاتىنى ساقلاشقا ئىشلىتىلگەندە؛
5.7. جامائەت مەنپەئەتى ئۈچۈن خەۋەر دوكلاتى ۋە جامائەت پىكىرىنى نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، مۇۋاپىق دائىرىدە زۆرۈر بولغاندا؛
5.8. جامائەت مەنپەئەتى ئۈچۈن ستاتىستىكا ياكى ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن لازىم بولغاندا ۋە سىرتقا ئىلمىي تەتقىقاتنى ياكى نەتىجىسىنى چۈشەندۈرۈشگەندە  نەتىجىدىكى شەخسىي ئۇچۇرلارغا قارىتا ئېنىقلاشقا بولمايدىغان قىلىپ بىر تەرەپ قىلغاندا؛
5.9. قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
2. Cookie ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تېخنىكىلارنى قانداق ئىشلىتىمىز
 1. Cookie
 1.1.كومپيۇتېرىڭىز ياكى كۆچمە ئۈسكۈنىڭىزدە Cookie دەپ ئاتىلىدىغان كىچىك تېكىست ھۆججەتلىرىنى ساقلايمىز. Cookie ئادەتتە پەرقلىگۈچ، تور بېكەت ئىسمى ۋە بەزى سان ۋە ھەرپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. , Cookie لارنى بۇ كۆرسەتمىدە دېيىلگەندىن باشقا ھەرقانداق مەقسەتتە ئىشلەتمەسلىككە ۋەدە بېرىمىز. تۆۋەندىكى ئىقتىدار ياكى مۇلازىمەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن Cookie ئىشلىتىمىز:
مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش
دەلىللەش ۋە بىخەتەرلىك ئۈچۈن Cookie ياكى نامسىز پەرقلىگۈچ ئورنىتىپ، Union ID ياكى باشقا مۇلازىمەت ھېساباتىغا بىخەتەر كىرگەنلىكىڭىزنى جەزملەشتۈرىمىز ھەمدە خاككېرلارنىڭ ئوغرىلىقچە ئىشلىتىشى، ئالدامچىلىق ۋە باشقا قانۇنسىز قىلمىشلارنى تەكشۈرىمىز.
تېخىمۇ ياخشى مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش
Cookie سىزنى شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى تولدۇرۇش ۋە ئىزدەش مەزمۇنى كىرگۈزۈش باسقۇچلىرى ۋە جەريانلىرىنى تەكرارلاشتىن ساقلاپ قالىدۇ ھەمدە ئۈنۈمىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
1.2. Cookie باشقۇرۇش
كۆپىنچە توركۆرگۈچلەر ئىشلەتكۈچىلەرنى Cookie باشقۇرۇش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ، مەسىلەن: توركۆرگۈچنىڭ جۇغلانما سانلىق مەلۇماتلىرىنى تازىلاش دېگەندەك. سىز توركۆرگۈچ تەڭشەك ئىقتىدارىدا مۇناسىپ سانلىق مەلۇمات تازىلاش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بارالايسىز. دىققەت، ئەگەر سانلىق مەلۇماتلارنى تازلىسىڭىز، Cookie غا تايىنىدىغان بىز تەمىنلىگەن مۇلازىمەت ياكى ماس ئىقتىدارلارنى ئىشلىتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.
2. (ئىز قوغلىمىسۇن) Do Not Track
 نۇرغۇن توركۆرگۈچلەرنىڭ Do Not Track (ئىز قوغلىماسلىق) ئىقتىدارى بار، بۇ ئىقتىدار تور بېكەتلەرگە Do Not Track (ئىز قوغلىماسلىق) تەلىپى يوللىيالايدۇ. نۆۋەتتە، ئاساسلىق ئىنتېرنېت ئۆلچىمى تەشكىلاتلىرى تور بېكەتلەرنىڭ بۇ تەلەپلەرگە قانداق جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەكلىكى  توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى تەسىس قىلمىغان. ئەگەر توركۆرگۈچىڭىزدە Do Not Track (ئىز قوغلىماسلىق) قوزغىتىلغان بولسا، بارلىق تور بەتلىرىمىز سىزنىڭ تاللىشىڭىزغا ھۆرمەت قىلىدۇ.
 3. يۇمشاق دېتال ئېچىش قورال بوغچىسى
توڭشىن UOS مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە بىخەتەر ۋە مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز ئۈچىنچى تەرەپ تەمىنلىگەن يۇمشاق دېتال ئېچىش قورال بوغچىسى (Software Development Kit، تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «SDK» دېيىلىدۇ) غا ئۇلىنىشىمىز مۇمكىن، ۋە ئۈچىنچى تەرەپكە مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ياخشىلاشقا ئېھتىياجلىق ئۇچۇرلارنى تەمىنلىشىمىز مۇمكىن. شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئۈچىنچى تەرەپ تەمىنلىگەن SDK گە ئۇلىنىش ۋە ئىشلىتىشتە قارىتا قاتتىق تەكشۈرۈش ۋە بىخەتەرلىك نازارىتى ئېلىپ بارىمىز. بىز ئۈچىنچى تەرەپ SDK لارنىڭ تىزىملىكىنى ئىمكانقەدەر يېڭىلايمىز، ئەمما بەزى ئەھۋاللاردا، يەنىلا ئەمەلىي ئىشلىتىشنىڭ ئارقىدا قېلىشى مۇمكىن. چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سودا ئۇچۇرلىرىمىز ۋە تېخنىكىلىق ۋاسىتىلىرىمىزنى مەخپىي تۇتۇش ئۈچۈن، سۇپا خېيىم-خەتىرىنى كونترول قىلىش ياكى ئالاھىدە ھەمكارلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر قىسىم SDK لار بۇ تىزىملىكتە بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما بۇ خىل SDK لار سىزنىڭ مۇھىم شەخسىي ئۇچۇرىڭىزغا ياكى ئۈسكۈنىلىرىڭىزنىڭ ئىجازىتىگە ئېرىشىشى كېرەك بولغاندا،مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن سىزنىڭ رۇخسىتىڭىزنى سورايمىز.
تۆۋەندىكىلەر بىز ئىشلىتىۋاتقان ئۈچىنچى تەرەپ SDK لارنىڭ تىزىملىكى:
دىققەت، ئۈچىنچى تەرەپ SDK لار نەشرىنىڭ يېڭىلىنىشى، سىياسىتىنىڭ تەڭشىلىشى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شەخسىي ئۇچۇرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ ئېلان قىلىنغان رەسمىي چۈشەندۈرۈشىنى ئاساس قىلىڭ.
SDK نامى: يوۋمېڭSDK 
ئۈچىنچى تەرەپ نامى: يوۋمېڭ توڭشىن 友盟同欣 (بېيجىڭ) تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
مۇلازىمەت تىپى: ستاتىستىكىلىق تەھلىل
توپلانغان شەخسىي ئۇچۇر تۈرى: ئۈسكۈنە ئۇچۇرلىرى (IMEI / MAC / Android ID / IDFA / OpenUDID / GUID / SIM كارتا IMSI / جۇغراپىيىلىك ئورۇن قاتارلىقلار)
مەخپىيەتلىك سىياسىتى ئۇلىنىشى: https://www.umeng.com/page/policy

SDK نامى: شۈنفېي ئاۋاز ئايلاندۇرۇش SDK 
ئۈچىنچى تەرەپ نامى: ئەنخۇي تىڭجىيەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
مۇلازىمەت تىپى: ئاۋاز ئايلاندۇرۇش
توپلايدىغان شەخسىي ئۇچۇر تۈرى: ئاۋازلىق مەزمۇن ئۇچۇرلىرى (ئىشلەتكۈچىنىڭ ئاۋازلىق سۈرۈشتۈرۈشى، ئىشلەتكۈچىنىڭ تېكىست تەرجىمە قىلىشى، ئاۋازلىق بۇيرۇق ئۇچۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)
مەخپىيەتلىك سىياسىتى ئۇلىنىشى: https://static.iflyrec.com/v1/iflyrectjpt/publicread01/privacyPolicy/xftj/productPrivacyPolicy.html 
3. شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى تاشقى تەرەپ بىلەن قانداق ئورتاقلىشىمىز، ئۆتۈنۈپ بېرىمىز ۋە ئاشكارىلايمىز  
1. سىرتقا تەمىنلەش
1.1. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قانۇن-نىزام، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھۆججىتى ۋە نازارەت قىلىش بەلگىلىمىسى بويىچە رۇخسەت قىلىنمىغان ئەھۋال ئاستىدا، شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئۈچىنچى تەرەپكە تەمىنلىمەيمىز:
1.1.1. شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قانۇن-نىزاملار ياكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ مەجبۇرىي تەلىپى بويىچە سىرتقى تەرەپكە تەمىنلىشىمىز مۇمكىن.
 1.1.2 ھاۋالە بىر تەرەپ قىلىش: تىجارەت ئىقتىدارىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىز سىرتقى تەمىنلىگۈچىنىڭ بىزگە ياردەملىشىپ مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت تەمىنلىشىنى ھاۋالە قىلىمىز. ھاۋالە بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بويىچە شەخسىي ئۇچۇرغا ئېرىشكەن ئۈچىنچى تەرەپ پەقەت بىزنىڭ كۆرسەتمىمىز ئاساسىدا سىزگە مۇلازىمەت تەمىنلەيدۇ، بىزنىڭ ھاۋالە قىلىش دائىرىمىز ئىچىدە ئۇلار ئۆزىنىڭ ھاۋالە قىلمىشى بويىچە سىزگە بولغان مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.
1.2. سىز بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياكى باشقا مۇۋاپىق مەقسەتلەر ئۈچۈن، بىز بىر قىسىم شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئۈچىنچى تەرەپ شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىغا تەمىنلىشىمىز مۇمكىن، شەخسىي ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋالغان ئۈچىنچى تەرەپنىڭ سىزگە ئۇقتۇرغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ۋە شەخسىي ئۇچۇر تۈرى ئاساسىدا شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بار، تاپشۇرۇۋالغۇچى ئەسلىدىكى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى ياكى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتسە، سىزنىڭ قايتا رۇخسىتىڭىزنى ئېلىشى كېرەك. توڭشىن  UOS دا ئۈستەل يۈزى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياردەمچى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان ئاساستا، بىز ئەنخۇي تىڭجىيەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە ئاۋازلىق مەزمۇن ئۇچۇرلىرىڭىزنى تەمىنلەيمىز (ئىشلەتكۈچىنىڭ ئاۋازلىق سۈرۈشتۈرۈشى، ئىشلەتكۈچىنىڭ تېكىستىنى تەرجىمە قىلدۇرىشى ۋە ئاۋازلىق بۇيرۇق ئۇچۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). تەپسىلاتلارنى، «ئىشلىتىلگەن ئۈچىنچى تەرەپ SDK لار تىزىملىكىمىز» دىن كۆرۈڭ. سىزنىڭ يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشنى رەت قىلىشىڭىز باشقا توڭشىن UOS مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلىرىنىڭ نورمال تەمىنلىشىگە ۋە ئىشلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
1.3.سىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچى مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچى بېتىگە ئاتلاپ كىرىش قاتارلىق ئۈچىنچى تەرەپنى زىيارەت قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەندە، مۇناسىپ مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچى سىز بىلەن شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىشكە ھوقۇق بېرىش بىۋاسىتە كېلىشىمى ھاسىل قىلىدۇ. مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىلەر بىۋاسىتە توپلىغان بۇنداق شەخسىي ئۇچۇرلار بىزنىڭ سىرتقا تەمىنلەيدىغان شەخسىي ئۇچۇرلار دائىرىسىدە ئەمەس. مۇلازىمەتنى ئۈچىنچى تەرەپ بىۋاسىتە تەمىنلەيدىغان بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، بىز كونكرېت مۇلازىمەت بېتىدىكى ئۈچىنچى تەرەپ ئۇچۇرلىرىغا ئېنىق چۈشەنچە بېرىمىز. مۈجمەللىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سىز شۇنى بىلىشىڭىز ۋە چۈشىنىشىڭىز كېرەككى، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مۇستەقىل ئۈچىنچى تەرەپ باشقۇرىدىغان تور بېكەت، قوللىنىشچان پىروگرامما، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلەرنىڭ ئۇلىنىشى پەقەت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەتلەرنى كۆرۈشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن. بۇنداق ئۈچىنچى تەرەپ توربېكەتلىرى، قوللىنىشچان پىروگراممىلار، مەھسۇلاتلار ۋە مۇلازىمەت ئۇلانمىلىرىنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىڭىزدا، ئۇلار تەمىنلىگەن مەخپىيەتلىك سىياسىتى ياكى شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش شەرتلىرىگە ئايرىم قوشۇلۇشىڭىز كېرەك. بىز ۋە بۇ ئۈچىنچى تەرەپ توربېكەتلىرى، قوللىنىشچان پىروگراممىلار، مەھسۇلاتلار ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋە ئىككى تەرەپ كېلىشكەن دائىرىدە مۇستەقىل ھالدا شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىمىزگە ئالىمىز.
2. ئۆتۈنۈپ بېرىش
 تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ھېچقانداق شىركەت، تەشكىلات ياكى شەخسكە ئۆتۈنۈپ بەرمەيمىز:
 2.1. ئىشتىن ئاۋال ئايرىم رۇخسىتىڭىزنى ئالغاندىن كېيىنكى ئۆتۈنۈپ بېرىش: قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن شەخسىي ئۇچۇرىڭىزغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئىشتىن ئاۋال ئايرىم رۇخسىتىڭىزنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى باشقا تەرەپلەرگە ئۆتۈنۈپ بېرىمىز.
2.2. قوشۇۋېلىش، سېتىۋېلىش ياكى ۋەيران بولۇپ ھېساب قىلىشقا چېتىشلىق بولغاندا، ئەگەر شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە چېتىشلىق بولسا، بىز شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ساقلايدىغان يېڭى شىركەت ياكى تەشكىلاتنىڭ بۇ مەخپىيەتلىك سىياسىتىگە بىلەن داۋاملىق ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز، بولمىسا بىز بۇ شىركەت ياكى تەشكىلاتنىڭ سىزدىن قايتا ئىجازەت سورىشىنى تەلەپ قىلىمىز.
 3. ئاشكارىلاش
 بىز پەقەت تۆۋەندىكى ئەھۋال ئاستىدا ھەمدە كەسىپ ئۆلچىمىدىكى بىخەتەرلىك قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللانغان شەرت ئاستىدا شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئاشكارىلايمىز:
 3.1. ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن، سىز ئايرىم ماقۇللىغان ئاشكارىلاش ئۇسۇلىدا سىز بەلگىلىگەن شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىز ئاشكارىلىنىدۇ؛
 3.2. شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى چوقۇم قانۇن-نىزاملارنىڭ تەلىپى، مەجبۇرىي مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ياكى ئەدلىيە تەلىپىگە ئاساسەن تەمىنلىنىشى كېرەك بولغان ئەھۋال ئاستىدا، تەلەپ قىلىنغان شەخسىي ئۇچۇر تىپلىرى ۋە ئاشكارىلاش ئۇسۇللىرى ئاساسىدا  ئاشكارىلىشىمىز مۇمكىن. قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، يۇقىرىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، بىز چاقىرىق قەغىزى ياكى تەكشۈرۈش خېتى قاتارلىق مۇناسىپ قانۇنىي ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىمىز. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بىزدىن تەلەپ قىلىنغان ئۇچۇرلار قانۇن يول قويغان دائىرىدە ئىمكانقەدەر ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى كېرەك بىز بارلىق ئىلتىماسلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ئاساسى بارلىقىغا ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنىڭ كونكرېت تەكشۈرۈش مەقسىتىدە توپلىنىدىغان سانلىق مەلۇماتلار بىلەنلا چەكلىنىدىغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرىمىز. قانۇن-نىزاملار رۇخسەت قىلغان ئاساستا بىز ئاشكارىلىغان ھۆججەتلەر مەخپىيلەشتۈرۈش ئاچقۇچلىرى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.
4. شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قانداق قوغدايمىز
 1. توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى رۇخسەتسىز زىيارەت قىلىش، ئىشلىتىش ياكى ئاشكارىلاشتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن ، ساھە ئۆلچىمىگە ماس كېلىدىغان ھەر خىل بىخەتەرلىك تېخنىكىسى ۋە قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللانغان. بىز دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، بىخەتەرلىك سىستېمىسى بەرپا قىلغان، ھەمدە ئالدىنقى قاتاردىكى ۋە ئاساسىي ئېقىمدىكى بىخەتەرلىك تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ ئىجازەتسىز زىيارەت قىلىنىشى، ئىشلىتىلىشى ۋە ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بىز مۇكەممەل بىخەتەرلىك مۇداپىئە سىستېمىسى ھاسىل قىلغان بولۇپ، بىز سىرتقى تورنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا ياكى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندا، ھۇجۇمغا قارىتا ئاكتىپلىق بىلەن دەرھال توسۇش ئېلىپ بارىدۇ. توڭشىن UOS مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلىرى تور ئالاقىسى جەريانىدا HTTPSمەخپىيلەشتۈرۈش كېلىشىمىنى قوللانغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن سۇپا ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە جەريانىدا ئۇچۇرلارنىڭ ئۈچىنچى تەرەپ تەرىپىدىن ئوغرىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەخپىيەتلىكى ۋە سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇرغا چېتىشلىق  بولغانلىرى توڭشىن UOSمەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلىرىدە مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ھالەتتە ساقلىنىدۇ، سانلىق مەلۇماتلار ھەرۋاقىت داۋاملىق زاپاسلىنىپ ماڭىدۇ.
2. توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى قاتلاملىق تۈرگە ئايرىش، مەخپىيلەشتۈرۈپ ساقلاش ۋە سانلىق مەلۇماتنى زىيارەت قىلىش ھوقۇقىنى دەرىجىگە بۆلۈش قاتارلىق ساغلام سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان. ۇ تور بېكەت ئىچكى سانلىق مەلۇمات باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە مەشغۇلات تەرتىپلىرى بېكىتكەن بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى قانۇنسىز ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشىش، ئىشلىتىش ۋە يوقىتىشتا قاتتىق جەريان تەلەپلىرى قويىدۇ. بۇ تور بېكەت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى بىلەن ئۇچرىشىدىغان تارماقلار ۋە ئۇلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى بېكىتكەن؛ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلاش، ئىشلىتىش ۋە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنىڭ خىزمەت تەرتىپى ۋە بىخەتەرلىك باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى ئورناتقان؛ خىزمەتچىلەر ۋە ۋاكالەتچىلەرنىڭ ھوقۇق چېكىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ ۋە تۈركۈملەپ ئېكسپورت قىلىش، كۆپەيتىش ، ئۇچۇرلارنى يوقىتىش جەريانىغا تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئېلىپ بارغان ۋە ئاشكارىلىنىپ كېتىشكە قارشى تەدبىرلەرنى قوللانغان؛ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى خاتىرىلەيدىغان قەغەز ماتېرىيال، ئوپتىكىلىق ماتېرىيال، ئېلېكتىر ماگنىتلىق ماتېرىيال قاتارلىقلارنى ياخشى ساقلاپ ۋە باشقۇرۇپ، مۇناسىپ بىخەتەر ساقلاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان؛ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ  شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ساقلايدىغان ئۇچۇر سىستېمىسىغا قارىتا ئۇلىنىش تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، ھۇجۇم ۋە ۋىرۇستىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان؛ئىشلەتكۈچىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىغا مەشغۇلات ئېلىپ بارغان خادىملار، مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلغان ۋاقىت، ئورۇن، مەشغۇلات تۈرى ۋە باشقا ئۇچۇرلارنى خاتىرىلەيدۇ؛ شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش پىلانىنى تۈزىدۇ ۋە يولغا قويىدۇ. قەرەللىك بىخەتەرلىك ۋە مەخپىيەتلىكنى قوغداش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
3. قانۇن- نىزام ۋە مەسئۇل ئورگانلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بىز مەخسۇس شەخسىي ئۇچۇر قوغداش بۆلۈمى قۇرىمىز، شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداشقا مەسئۇل ئادەم بەلگىلەيمىز ھەمدە شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتى ۋە قوللانغان قوغداش تەدبىرلىرىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىمىز، ھەمدە ئاشكارا بىخەتەرلىك  خەۋپى، شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىش باھالاش دوكلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنىنى قەرەللىك يېڭىلاپ تۇرىمىز. شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش بۆلۈمى ۋە شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداشقا مەسئۇل ئادەمنىڭ ئۇچۇرلىرىنى بۇ مەخپىيەتلىك سىياسىتىنىڭ [8-قىسىم] دىن كۆرۈڭ.
4. نۆۋەتتە، بىز دۆلەتنىڭ تور بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى قوغداش (3-دەرىجىلىك) باھالاشتىن ئۆتۈش ۋە ئەنگە ئالدۇرۇشنى تاماملاپ، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى جەھەتتە ISO27001 خەلقئارالىق نوپۇزلۇق گۇۋاھنامە ئۆلچىمىنىڭ تەلىپىگە يەتتۇق ۋە مۇناسىپ گۇۋاھنامە ئالدۇق. لېكىن سىزگە يەنىلا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، ئىنتېرنېت تور مۇھىتى يۈز پىرسەنت بىخەتەر مۇھىت ئەمەس، بىز سىز يوللىغان بارلىق ئۇچۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە  پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كاپالەتلىك قىلىمىز. ئەگەر بىزنىڭ ماددىي، تېخنىكىلىق ياكى باشقۇرۇش قوغداش ئەسلىھەلىرىمىز بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئۇچۇرلارنىڭ رۇخسەتسىز زىيارەت قىلىنىشى، ئاشكارىلىنىپ كېتىشى، ئۆزگەرتىلىشى ياكى بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سىزنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىڭىز ۋە مەنپەئەتىڭىزگە زىيان يەتكۈزسە، بىز مۇناسىپ قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىمىزگە ئالىمىز.
5. ئەگەر شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىك ۋەقەسى يۈز بەرسە، بىز قانۇن-نىزاملارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بىخەتەرلىك ۋەقەسىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان تەسىرلەرنى، بىزنىڭ ئاللىقاچان قوللانغان ياكى قوللانماقچى بولغان بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىمىزنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىمىزنى، سىزگە ياردەم بېرىش تەدبىرلىرى قاتارلىقلارنى تور بېكەت ئىچكى خەت ياكى سىز قالدۇرغان ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق سىزگە ئۇقتۇرىمىز. ئەگەر شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ ئىگىسىنى بىرمۇبىر خەۋەرلەندۈرۈش مۇمكىن بولمىغاندا، بىز مۇۋاپىق ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بىلەن ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئالاقىدار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا ئاكتىپ دوكلات قىلىمىز.
6. ئەگەر بىزنىڭ شەخسى ئۇچۇرلارنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىڭىز بولسا، مەزكۇر مەخپىيەتلىك سىياسىتىنىڭ [8-قىسىم] دىكى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى بايقىسىڭىز، بىزنىڭ ۋاقتىدا مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشىمىز ئۈچۈن بۇ مەخپىيەتلىك سىياسىتىدە كۆرسىتىلگەن ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىز بىلەن دەرھال ئالاقىلىشىڭ.
5. شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قانداق ساقلايمىز
 قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىپ، ئەگەر شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى پەقەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنى ئىچىدە توپلىغان بولساق، ئۇنداقتا شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنى ئىچىدىلا ساقلايمىز. بىز بارلىق مۇۋاپىق ۋە مۇمكىن بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مۇناسىۋەتسىز بولغان شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ توپلانماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. بىز شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى مەخپىيەتلىك سىياسىتىدە بايان قىلىنغان مەقسەت ئۈچۈنلا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ساقلاپ قالىمىز. ئەگەر ساقلاش ۋاقتى قانۇنلۇق چەكتىن ئېشىپ كەتسە، ئۇنى ئۆچۈرۈۋېتىمىز ياكى نامسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىمىز. ئەگەر مۇناسىۋەتلىك شەخسىي ئۇچۇرلار ئۆچۈرۈش تېخنىكىلىق جەھەتتە ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەس بولسا، ساقلاشنى توختىتىمىز ھەمدە زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك قوغداش تەدبىرلىرىدىن سىرتقى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىمىز. لېكىن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا قانۇنىي تەلەپكە ماس ھالدا شەخسىي ئۇچۇرنى ساقلاش ۋاقىتىنى ئۆزگەرتىشىمىز مۇمكىن:
●. سوتنىڭ ھۆكۈمى، كېسىمى ياكى باشقا قانۇنىي تەرتىپلىرىگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن؛
●. مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ياكى قانۇنلۇق ھوقۇق بېرىلگەن تەشكىلاتلارنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن؛
●. بىزنىڭ قانۇن-نىزامنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشىمىز كېرەكلىكىگە ئاساسىمىز بار ۋاقىتتا.
توڭشىن UOS مەھسۇلات ۋە مۇلازىمىتىنىڭ تىجارەت توختىتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى داۋاملىق توپلاشنى دەرھال توختىتىمىز ھەمدە بىر-بىرلەپ ئۇقتۇرۇش ياكى ئېلان قىلىش شەكلىدە تىجارەتنىڭ توختىتىلغانلىقىنى سىزگە ئۇقتۇرىمىز ھەمدە مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە شەخسىي ئۇچۇرنى ئۆچۈرۈۋېتىمىز ياكى نامسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىمىز.
دىققەت، سىز Union ID ھېساباتىڭىزنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن،جۇڭگونىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزام،ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن، سودا بىخەتەرلىك تەلىپى سەۋەبىدىن Union ID نى ئىشلەتكەن ۋاقتىڭىزدىكى ئەپ دۇكىنىدىن قىلغان سودىلىق، باھا ۋە نومۇر قويۇش خاتىرىسىنى ئۈچ يىل توشقۇچە ساقلاشقا ھوقۇقىمىز بارلىقىغا قوشۇلىسىز؛. باشقا Union ID ھېساباتىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى ھېساباتىڭىزنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىمىز.
6. سىزنىڭ ھوقۇقلىرىڭىز
 جۇڭگونىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرى ۋە ئۆلچىمى، شۇنداقلا باشقا دۆلەت ۋە رايونلاردىكى ئورتاق مەشغۇلات ئادىتىگە ئاساسەن، بىز مۇۋاپىق تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا تۆۋەندىكى ھوقۇقلارنى يۈرگۈزۈشىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىمىز:
1. شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى تەكشۈرۈش ۋە كۆپەيتىش
قانۇن-نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى تەكشۈرۈش ۋە كۆپەيتىش ھوقۇقىڭىز بار. سىز تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بىلەن ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئۆزىڭىز تەكشۈرەلەيسىز ۋە كۆپەيتەلەيسىز:
1.1. ھېسابات ئۇچۇرى/ ئىشلەتكۈچىنىڭ ئاساسلىق ئۇچۇرلىرى: ئەگەرUnion ID دىكى تېلېفون نومۇرى، ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسى، جىنسى، تۇغۇلغان كۈن، كەسپىي ئۇچۇرلار ياكى باشقا شەخسىي ئۇچۇرلار قاتارلىق ئاساسلىق شەخسىي ئۇچۇرلارنى تەكشۈرمەكچى ياكى كۆپەيتمەكچى بولسىڭىز، Union ID ئىلتىماس قىلغان تور بەتكە（account.uniontech.com）كىرىپ، Union ID ھېساباتىڭىزغا تىزىملاپ كىرىپ، «[ئىشلەتكۈچى مەركىزى]» دىن بۇ خىل مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايسىز.
1.2. سودا ئۇچۇرلىرى: ئەگەر بۇرۇنقى مۇكاپاتلاش خاتىرىلىرىڭىزنى تەكشۈرمەكچى ياكى كۆپەيتمەكچى بولسىڭىز، ئەپ دۇكىنىنىڭ «شەخسىي مەركەز» دىن سېتىۋېلىش خاتىرىڭىزنى ۋە ئەپ سېتىۋېلىشقا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئۇچۇرلار نى تەكشۈرۈپ كۆرەلەيسىز.
1.3. ئەگەر يۇقىرىقى ئۇسۇللار ئارقىلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى تەكشۈرەلمىسىڭىز ۋە كۆپەيتەلمىسىڭىز، ھەرقانداق ۋاقىتتا مەزكۇر مەخپىيەتلىك سىياسىتىنىڭ [8-قىسىم] دىكى ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. 15 كۈن ئىچىدە زىيارەت تەلىپىڭىزگە جاۋاب قايتۇرىمىز.
 1.4. مەھسۇلات ياكى مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلىتىش جەريانىدا ھاسىل بولغان باشقا شەخسىي ئۇچۇرلارغا قارىتا، بىز بۇ بۆلەكتىكى (7) «يۇقىرىدىكى تەلەپلىرىڭىزگە جاۋاب» دېگەن ماددىغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاشتۇرما بىلەن تەمىنلەيمىز.
2. توغرا بولمىغان ياكى تولۇق بولمىغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى تۈزىتىش ۋە تولۇقلاش
2.1. Union ID ئىلتىماس قىلىش تور بېكىتىگە (account.uniontech.com) كىرىپ، Union ID ھېساباتىڭىزغا تىزىملاپ كىرىڭ ۋە «[ئىشلەتكۈچى مەركىزى]» ئارقىلىق بەزى شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى تۈزىتىڭ ياكى تولۇقلاڭ. ئالاھىدە ئەسكەرتىش، سىز يوللىغان شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ راستلىقى، ۋاقىتقا توغرا كېلىدىغانلىقى، تولۇقلۇقى ۋە توغرىلىقىنى دەلىللەشكە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك، بولمىسا سىز بىلەن ئۈنۈملۈك ئالاقىلىشىشىمىزغا تەسىر يەتكۈزۈپ سىزگە بەزى مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلىيەلمەي قالىمىز. ئەگەر سىز تەمىنلىگەن ئۇچۇرنىڭ خاتالىقىنى، تولۇق ئەمەسلىكىنى ياكى راستلىقىدىن گۇمانلىنىشقا مۇۋاپىق ئاساسىمىز بولسا، بىزنىڭ سىزدىن سۈرۈشتە قىلىش ياكى تۈزىتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلىش ھوقۇقىمىز بار، ھەتتا سىزگە بەزى مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەشنى ۋاقتىنچە توختىتىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ھوقۇقلۇق بىز.
2.2. بەزى ئالاھىدە ئۇچۇرلارنى تۈزىتىش مەشغۇلاتىنى ئۆزىڭىز ئېلىپ بارالماسلىقىڭىز مۇمكىن، سىز مەزكۇر مەخپىيەتلىك سىياسىتىنىڭ [8-قىسىم] ىدا كۆرسىتىلگەن ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. 15 كۈن ئىچىدە زىيارەت تەلىپىڭىزگە جاۋاب قايتۇرىمىز. شەخسىي ئۇچۇرىڭىز بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، كىملىكىڭىزنى دەلىللىشىڭىزنى تەلەپ قىلىشىمىز مۇمكىن.
3. ئىجازەتنى بىكار قىلىش ياكى بىر تەرەپ قىلىش چەكلىمىسى
3.1. ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈش، مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەر/ قوراللارنىڭ ئىقتىدارىنى تاقاش ياكى باشقا مۇمكىن بولغان مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرىنى قوللىنىپ (سىستېما نەشرىگە ئاساسەن ئوخشىمايدۇ) بىزگە توپلاش ۋە ئىشلىتىشكە ھوقۇق بەرگەن شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ دائىرىسىنى ئۆزگەرتەلەيسىز.
3.2. ئەگەر يۇقىرىقى ئۇسۇللار ئارقىلىق رۇخسىتىڭىزنى بىكار قىلالمىسىڭىز، [8-قىسىم] دىكى ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ قايسى رۇخسەتنى بىكار قىلماقچى ئىكەنلىكىڭىزنى تەسۋىرلەپ بېرىش ئارقىلىق بۇ مەشغۇلاتنى ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ. 15 كۈن ئىچىدە زىيارەت تەلىپىڭىزگە جاۋاب قايتۇرىمىز.
3.3. رۇخسىتىڭىزنى بىكار قىلغاندىن كېيىن بىز مۇناسىپ شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلمايمىز. سىزنىڭ رۇخسىتىڭىزنى قايتۇرۇۋېلىش قارارىڭىز بۇرۇنقى سىزنىڭ رۇخسىتىڭىزگە ئاساسەن شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ قانۇنلۇقلىقىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
4. شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈش
4.1. تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا بىزدىن شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئۆچۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ:
4.1.1. بىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشىمىز قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغاندا؛
4.1.2. رۇخسىتىڭىزنى قايتۇرۇۋالغاندا؛
4.1.3. بىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشىمىز سىز بىلەن تۈزگەن كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغاندا؛
4.1.4. سىز مەھسۇلاتلىرىمىزنى ياكى مۇلازىمىتىمىزنى ئەمدى ئىشلەتمىسىڭىز ياكى ھېساباتىڭىزنى بىكار قىلغاندا؛
4.1.5. بىز سىزنى مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىمەيدىغان بولغاندا ياكى ساقلاش مۇددىتى توشقان بولسا ؛
4.1.6. بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ بولغاندا، ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمىغاندا، ياكى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىگە يېتىشنىڭ ھاجىتى يوق بولمىغاندا.
4.2. شەخسىي ئۇچۇرنى ئۆچۈرۈش ئىلتىماسىڭىزنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن 15 خىزمەت كۈنى ئىچىدە جاۋاب قايتۇرىمىز. ئەگەر سىزنىڭ ئۆچۈرۈش تەلىپىڭىزگە جاۋاب قايتۇرۇشنى قارار قىلساق، بىز ئامال بار شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقان ئۈچىنچى تەرەپكىمۇ (توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى شىركىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بۇنى ئۇقتۇرۇش قىلىمىز، ھەمدە بۇ ئۈچىنچى تەرەپلەرنىڭ سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزنى ۋاقتىدا ئۆچۈرۈشىنى تەلەپ قىلىمىز، قانۇن-نىزاملاردا باشقىچە بەلگىلەنگەن بولسا ياكى بۇ ئۈچىنچى تەرەپ ئاللىقاچان سىزنىڭ مۇستەقىل ئىجازىتىڭىزگە ئېرىشكەن بولسا بۇ باشقىچە.
4.3. ئەگەر سىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇسۇل ئارقىلىق بۇ خىل شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرەلمىسىڭىز، مەزكۇر مەخپىيەتلىك سىياسىتىنىڭ [8-قىسىم] ئارقىلىق ھەر ۋاقىت بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. شەخسىي ئۇچۇرىڭىز بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، كىملىكىڭىزنى دەلىللىشىڭىزنى تەلەپ قىلىشىمىز مۇمكىن.
4.4. ئەگەر قانۇن ۋە مەمۇرىي قائىدە-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ساقلاش مۇددىتى توشمىغان بولسا ياكى شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈش تېخنىكا جەھەتتىن قىيىن بولسا، بىز ساقلاشنى توختىتىمىز ۋە زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىشتىن باشقا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىمىز.
5. ھېساباتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش
5.1. Union IDھېسابات ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قوللايدۇ. توربېكەت (account.uniontech.com) ئارقىلىق Union ID ھېساباتىڭىزغا كىرىپ، «[ئىشلەتكۈچى مەركىزى]» - «[تىزىمغا كىرىش ھېساباتى]» ئارقىلىق Union ID نى ئەمەلدىن قالدۇرالايسىز. 15 خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئەمەلدگە جاۋاب قايتۇرىمىز، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كىملىك دەلىللىشىڭىزنى تەلەپ قىلىشىمىز مۇمكىن.
 5.2. ھېسابات ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، بىز سىزگە مۇلازىمەت قىلىشنى توختىتىمىز ھەمدە شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى تەلىپىڭىزگە ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئۆچۈرۈۋېتىمىز، قانۇن-نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى ياكى بىز بىلەن باشقا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىرىڭىز بۇنىڭ سىرتىدا.
6. شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا ئېرىشىش
6.1. بۇ بىخەتەرلىك سىياسىتىدە ئېلان قىلىنغان ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىزگە يازما تەلەپ ئەۋەتىپ  شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىڭىز بار.
6.2. تېخنىكىلىق مۇمكىنچىلىكى بار بولغان ئەھۋالدا، مەسىلەن سانلىق مەلۇمات ئېغىزى ماس كېلىشى، دۆلەت تور ئالاقە بۆلۈملىرى بەلگىلىگەن شارائىتقا ماس كېلىشى دېگەندەك، بىز سىزنىڭ تەلىپىڭىز ۋە ھازىرقى ئورتاق ئىشىلتىلىۋاتقان تېخنىكا ئاساسىدا شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى سىز بەلگىلىگەن ئۈچىنچى تەرەپكە بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ بېرەلەيمىز. ئەگەر بۇ ئۈچىنچى تەرەپ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تاپشۇرۇۋېلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن يەتكۈزۈش مەغلۇپ بولسا، سىز بۇ ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن ماسلىشىپ ھەل قىلىشىڭىز كېرەك، بىز بۇنىڭغا مەسئۇل ئەمەس.
7. يۇقىرىقى تەلەپلىرىڭىزگە ئىنكاس
 7.1. ھېساباتىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن يازما ئىلتىماس چىقىرىپ ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن سالاھىيىتىڭىزنى ئىسپاتلىشىڭىز كېرەك بولۇشى مۇمكىن. بىز تەلىپىڭىزنى بىر تەرەپ قىلىشتىن بۇرۇن سىزدىن كىملىكىڭىزنى دەلىللىشىڭىزنى تەلەپ قىلىشىمىز مۇمكىن.
 7.2. بىز [15] كۈندە جاۋاب قايتۇرىمىز. ئەگەر رازى بولمىسىڭىز مەزكۇر مەخپىيەتلىك سىياسىتىنىڭ[8-قىسم] دا بەلگىلەنگەن  ئۇسۇللار بويىچە شىكايەت قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.
7.3. پىرىنسىپ جەھەتتە، سىزنىڭ مۇۋاپىق تەلىپىڭىز ئۈچۈن ھەق ئالمايمىز، ئەمما مۇۋاپىق چەكتىن ئېشىپ كەتكەن قايتا-قايتا تەلەپلەر ئۈچۈن ئەھۋالغا قاراپ مەلۇم مىقداردىكى چىقىم ھەققى ئالىمىز. نامۇۋاپىق تەكرارلانغان، بەك كۆپ تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەرنى تەلەپ قىلىدىغان (مەسىلەن، يېڭى سىستېمىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ياكى نۆۋەتتىكى مەشغۇلات ئەندىزىسىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش دېگەندەك)، باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىگە خەتەر ئېلىپ كېلىدىغان ياكى ئەمەلىيەتكە ماس كەلمەيدىغان (مەسىلەن ، زاپاس لېنتىدا ساقلىنىدىغان ئۇچۇرغا چېتىشلىق دېگەندەك) تەلەپلەرنى بىز رەت قىلىشىمىز مۇمكىن.
 7.4. تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن سىزنىڭ تەلىپىڭىزگە ئىنكاس قايتۇرمايمىز:
 7.4.1. قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بولغاندا؛
7.4.2. دۆلەت بىخەتەرلىكى، دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغاندا؛ ئاممىۋى بىخەتەرلىك، جامائەت ساغلاملىقى، ئاساسلىق جامائەت مەنپەئەتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغاندا؛
 7.4.3. جىنايى ئىشلار بويىچە تەھقىقلەش، ئەيىبلەش، سوتلاش ۋە ھۆكۈمنىڭ ئىجرا قىلىنىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغاندا؛
 7.4.4. سىزنىڭ سۇبيېكتىپ يامان غەرەزدە ياكى ھوقۇقىڭىزدىن قالايمىقان پايدىلانغانلىقىڭىزنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك پاكىت بار بولغاندا؛
 7.4.5. تەلىپىڭىزگە ئىنكاس قايتۇرۇش سىز ياكى باشقا شەخس ياكى تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدىغان بولسا؛
 7.4.6. سودا مەخپىيەتلىكىگە چېتىشلىق بولسا؛
7.4.7. سىزنىڭ ياكى باشقا كىشىلەرنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك قاتارلىق ئاساسلىق قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئەمما مەزكۇر كىشىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش تەس بولغاندا؛
7.4.8. مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللاردا؛
7. بۇمەخپىيەتلىك سىياسىتى قانداق يېڭىلىنىدۇ
1. مەخپىيەتلىك سىياسىتىمىزدە ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. ئېنىق رۇخسىتىڭىز بولماي تۇرۇپ مەزكۇر مەخپىيەتلىك سىياسىتىدە بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقىڭىزنى ئازايتمايمىز. مەخپىيەتلىك سىياسىتىنىڭ يېڭىلانغان نەشرىنى ئېلان قىلىمىز.
 2. زور ئۆزگىرىشلەر بولغاندا بىز تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۇقتۇرۇشلارنى ئېلان قىلىمىز (بەزى مۇلازىمەتلەردە ئۆزگىرىش بولغاندا  ئېلېكتىرونلۇق خەت ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ، مەخپىيەتلىك سىياسىتىدىكى كونكرېت ئۆزگىرىشلەرنى چۈشەندۈرىمىز ھەمدە سىزنىڭ قايتا رۇخسىتىڭىزنى سورايمىز).
 3. مەخپىيەتلىك سىياسىتىدىكى مۇھىم ئۆزگىرىشلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن ئۇلار بىلەن چەكلەنمەيدۇ:
 3.1. مەھسۇلاتلىرىمىز ۋە مۇلازىمەت ئەندىزىمىزدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر بولغاندا. مەسىلەن شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى مەقسەت، بىر تەرەپ قىلىنغان شەخسىي ئۇچۇر تۈرى، شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى قاتارلىقلار؛
 3.2. ئىگىدارلىق ھوقۇقىمىز ۋە تەشكىلىي قۇرۇلمىمىزدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر بولغاندا. مەسىلەن تىجارەتنىڭ تەڭشىلىشى، ۋەيران بولۇش ۋە قوشۇلۇش قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار؛
 3.3. شەخسىي ئۇچۇرلارنى سىرتقا تەمىنلەش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى ئاشكارىلاشنىڭ ئاساسلىق ئوبيېكتى ئۆزگەرگەندە؛
 3.4. شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتنىشىش ھوقۇقىڭىز ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولغاندا؛
 3.5. بىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل تارماقلاردا، ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىدا ۋە شىكايەت قىلىش يوللىرىدا ئۆزگىرىش بولغاندا ؛
 3.6. شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىك تەسىرىنى باھالاش دوكلاتىدا خەتەرنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەندە.
 4. بۇ مەخپىيەتلىك تۈزۈمىنىڭ كونا نەشرىنىمۇ ئارخىپلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈشىڭىز ئۈچۈن ساقلاپ قويىمىز.
8. شەخسىي ئۇچۇر قوغداش بۆلۈمىمىز / شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشقا مەسئۇل ئادەم
 1. بىز توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملار ۋە ئىچكى سىياسەتلەرگە بويسۇنىشى ۋە ئىجرا قىلىشىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش ئۈچۈن شەخسىي ئۇچۇر قوغداش بۆلۈمى مەسئۇل قىلىپ تەيىنلىدۇق.
2. ئەگەر بۇ مەخپىيەتلىك سىياسىتى توغرىسىدا سوئال، باھا ياكى تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىز بولسا تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. نورمال ئەھۋال ئاستىدا، 10 خىزمەت كۈنى ئىچىدە ياكى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردا رۇخسەت قىلىنغان تېخىمۇ ئۇزۇن قەرەل ئىچىدە جاۋاب قايتۇرىمىز.
شىركەت نامى: 【 توڭشىن يۇمشاق دېتال تېخنىكا چەكلىك شىركىتى.】
. شەخسىي ئۇچۇر قوغداشبۆلۈمى  / شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشقا مەسئۇل ئادەم：【قانۇن بۆلۈمى】
[ئادرېس]بېيجىڭ ئىقتىساد ۋە تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ، كېگۇ 1-كوچىسى ، 10-نومۇرلۇق قورۇ 12-بىنا 18-قەۋەت
تېلېفون: 【010-62669253】
ئېلخەت: [privacy@uniontech.com]
9. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنىغا شىكايەت قىلىش ياكى ئەرز قىلىش ۋە قانۇنىي قوللىنىشلار
1. ئەگەر بىزنىڭ ئىنكاسىمىزدىن نارازى بولسىڭىز، بولۇپمۇ شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش مەشغۇلاتىمىز سىزنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىڭىز ۋە مەنپەئەتىڭىزگە زىيان يەتكۈزدى دەپ قارىسىڭىز ۋە مەسلىھەتلىشىپ بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىساق، شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك نازارەتچىلىك ئورگىنىغا ئەرز قىلىش ھوقۇقىڭىز بار ياكى ھەر قانداق بىر تەرەپ [بېيجىڭ داشىڭ رايونى] خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنسا ） بولىدۇ.
2. مەزكۇر مەخپىيەتلىك سىياسىتىنىڭ تۈزۈلۈشى، يولغا قويۇلۇشى، ئىزاھلىنىشى ۋە تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش چارىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنى (شياڭگاڭ ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەن رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ، ئىختىلاپ قائىدىسىنىڭ قوللىنىلىشى بۇنىڭ سىرتىدا.

قوشۇمچە 1: ئېنىقلىما
شەخسىي ئۇچۇر
شەخسىي ئۇچۇر دېگىنىمىز ئېلېكترونلۇق ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن خاتىرىلەنگەن، پەرقلەندۈرۈلگەن ياكى پەرقلەندۈرۈشكە بولىدىغان تەبىئىي شەخسكە مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئۇچۇرلار تەبىئىي شەخسنىڭ ئىسمى، تۇغۇلغان ۋاقتى، كىملىك نومۇرى، شەخسىي بىئولوگىيەلىك پەرقلەندۈرۈش ئۇچۇرى، ئادرېس، تېلېفون نومۇرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن بۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەيدۇ، نامسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىنكى ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇر
سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇر دېگىنىمىز ئاشكارلىنىپ كەتسە ياكى قانۇنسىز ئىشلىتىلسە، ئاسانلا تەبىئىي شەخسلەرنىڭ شەخسىي ئىززەت-ھۆرمىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ياكى شەخسىي ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدۇ، جۈملىدىن بىئولوگىيەلىك پەرقلەندۈرۈش ئۇچۇرى، دىنىي ئېتىقاد، بەلگىلىك سالاھىيەت، داۋالاش ساغلاملىقى، مالىيە ھېساباتى، پائالىيەت ئىش ئىزى، ھەمدە 14 ياشتىن تۆۋەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.